4ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. سېلاھ.
5ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر.
6پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
7نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر.
8ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ.
9ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق، ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛ تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق، بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
10زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛ بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار، بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛
11خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر».