Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 13

يۇھاننا 13:11-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11(چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى).
12شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون‫‪‎-‎‬‬كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟
13سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن.
14ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك.   
15مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم.
16بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.
17بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر!
18مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەن‫‪:‬‬ «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ.   
19مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر.   
20بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمىكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
21ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!
22مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە قاراشتى.
23ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى.   
24سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى.
25شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى.
26ئەيسا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى.
27يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
28(ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ يەھۇداغا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى.
29يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى).

Read يۇھاننا 13يۇھاننا 13
Compare يۇھاننا 13:11-29يۇھاننا 13:11-29