Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا

يۇھاننا 18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ كىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى ئۇ باغچىگە كىردى.  
2ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن پات‫‪‎-‎‬‬پات ئۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇراتتى.
3شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بىر توپ رىم لەشكەرلىرى بىلەن باش كاھىنلار ھەم پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن قاراۋۇللارنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى.
4ئەيسا بېشىغا چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ‫‪:‬‬ ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
5ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مانا مەن بولىمەن، ــ دېدى. (ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى).
6ئەيسا‫‪:‬‬ «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.
7شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم‫‪:‬‬ ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
8ئەيسا‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مەن شۇ بولىمەن. ئەگەر ئىزدىگىنىڭلار مەن بولسام، بۇلارنى كەتكىلى قويۇڭلار، ــ دېدى.
9بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ‫‪:‬‬ «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يىتتۈرمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.  
10سىمون پېترۇسنىڭ يېنىدا بىر قىلىچ بولغاچ، ئۇ شۇئان ئۇنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چاكارنىڭ ئىسمى مالكۇس ئىدى.
11ئەيسا پېترۇسقا‫‪:‬‬ ــ قىلىچنى غىلاپقا سال! ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟ ــ دېدى.  
12شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى.
13ئاندىن ئۇنى ئالدى بىلەن ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئانناس بولسا شۇ يىلى باش كاھىن بولۇپ تۇرغان قايافانىڭ قېينئاتىسى ئىدى.
14بۇرۇن يەھۇدىي كېڭەشمىسىدىكىلەرگە‫‪:‬‬ «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى.  
15ئەمدى سىمون پېترۇس بىلەن يەنە بىر مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغانىدى. ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا، باش كاھىننىڭ سارىيىغا ئەيسا بىلەن تەڭ كىردى.   
16لېكىن پېترۇس بولسا دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالدى. شۇڭا باش كاھىنغا تونۇش بولغان ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى.
17دەرۋازىۋەن بولغان شۇ دېدەك پېترۇستىن‫‪:‬‬ ــ سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ياق، ئەمەس، ــ دېدى پېترۇس.
18ئەمدى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاكارلار ۋە قاراۋۇللار شاخاردىن گۈلخان ياققان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسسىندى.

19باش كاھىن بولسا ئەيسادىن مۇخلىسلىرى توغرۇلۇق ۋە تەلىمى توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلىدى.
20ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى‫‪:‬‬ ــ مەن خەلق‫‪‎-‎‬‬ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم.
21بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسەن؟ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سورىغىن؛ مانا، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ.
22ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان قاراۋۇللاردىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ باش كاھىنغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ ــ دېدى.
23ــ ئەگەر يامان سۆز قىلغان بولسام، ئۇنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. ئەمما ئېيتقانلىرىم دۇرۇس بولسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
24بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى.  
25سىمون پېترۇس ئوتنىڭ ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقانىدى. يېنىدىكىلەر‫‪:‬‬ ــ سەنمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمىدىڭ؟ ــ دېيىشتى. ــ ياق، ئەمەسمەن، ــ دەپ تاندى پېترۇس.  
26ئۇ يەردە باش كاھىننىڭ چاكارلىرىدىن، پېترۇس قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغان كىشىگە تۇغقان بىرسى بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا‫‪:‬‬ ــ باغچىدە سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرگەنىدىمغۇ؟! ــ دېدى.
27پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى.
28ئاندىن ئۇلار ئەيسانى قايافانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى (شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى). ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمىدى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى.  
29شۇڭا ۋالىي پىلاتۇس سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئەرز قىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
30ئۇلار‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
31ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. يەھۇدىيلار‫‪:‬‬ ــ بىزنىڭ ھېچكىمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، ــ دېيىشتى.
32بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى.  
33ئاندىن پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
34ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ سوئالنى ئۆزۈڭ سوراۋاتامەسەن، ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق ساڭا شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ ــ دېدى.
35ــ مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە باش كاھىنلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ ــ دېدى پىلاتۇس.
36ئەيسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى.  

37شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ ئەيسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم‫‪:‬‬ ــ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، ــ دېدى.
38پىلاتۇس ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. پىلاتۇس مۇشۇلارنى دەپ، يەنە تاشقىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم.
39لېكىن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سىلەر ئۈچۈن مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار. شۇڭا بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى.  
40ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دەپ قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەن سېلىشتى (بارابباس بولسا بىر قاراقچى ئىدى).