Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا

يۇھاننا 19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى.  
2لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ،
3ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى!» ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا كاچات سالدى.
4پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا‫‪:‬‬ ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى.
5بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى.
6باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى.
7يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى.
8پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،
9يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن‫‪:‬‬ ــ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى.
10شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى.
11ئەيسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى.
12شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.  
13پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى
14(ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا‫‪:‬‬ مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى.
15لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ‫‪:‬‬ ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ توۋلاشتى. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
17لەشكەرلەر ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى.
18ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى.
19پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى.

20ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى.
21شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا‫‪:‬‬ ــ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، ــ دېيىشتى.
22بىراق پىلاتۇس جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! ــ دېدى.
23لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى.
24شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى. بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى‫‪:‬‬ ــ «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى». دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.  
25ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى.   
26ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا‫‪:‬‬ ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى.
27ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا‫‪:‬‬ ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.
28ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن)‫‪:‬‬ ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى.  
29ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى.
30ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن‫‪:‬‬ ــ تامام بولدى! ــ دېدى‫‪‎-‎‬‬دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
31ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
32شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى.
33لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى.
34ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.
35بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ.
37بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە‫‪:‬‬ «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى.  
38بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى.

39بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا‫‪‎-‎‬‬دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى.   
40ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا‫‪‎-‎‬‬دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى.
41ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى.
42بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەيسانى شۇ يەرلىككە قويدى.