Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا

يۇھاننا 15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر.
2باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ.  
3ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار.  
4سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.
5«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر.
6بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ كېرەكسىز شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
7سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.
8سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ.
9ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار.
10ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.
11مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
12مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
13ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى يوقتۇر.
14سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.   
15ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.   
16سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم.   
17سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
18بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار.

19سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.   
20مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار‫‪:‬‬ «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ.
21بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ.
22ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر.
23كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ.
24مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر ئەمەللىرىمنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى.
25لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا‫‪:‬‬ «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى.  
26لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.   
27سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.