Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا

يۇھاننا 14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار.
2ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن.
3مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.  
4سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر.
5توماس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، سېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، يولنى قانداق بىلىمىز؟ ــ دېدى.
6ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.  
7ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، ــ دېدى.
8ــ ئى رەب، ئاتىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭلا، شۇ كۇپايە، ــ دېدى فىلىپ.
9ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە‫‪:‬‬ «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟
10مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ.
11مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.
12بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن.   
13ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
14مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن».
15ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.
16مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ.
17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.
18مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن.

19ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيا مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرۈسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر.
20شۇ كۈندە مېنىڭ ئاتامدا بولغانلىقىم، سىلەرنىڭ مەندە بولغانلىقىڭلار ۋە مەنمۇ ھەم سىلەردە بولغانلىقىمنى بىلىسىلەر.
21كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن».
22يەھۇدا (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟ ــ دەپ سورىدى.
23ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئاتام بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز.
24مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر.
25مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
26لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.
27سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار.  
28سىلەر مېنىڭ‫‪:‬‬ «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېگىنىمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيگەن بولساڭلار، ئاتىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتا مەندىن ئۇلۇغدۇر.
29سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم.   
30مۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپ سۆزلەشمەيمەن؛ چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ.   
31لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ مېنىڭ ئاتىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى».