Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا

يۇھاننا 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
2ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.  
3ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.
4لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.  
5ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن‫‪:‬‬ «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ.
6ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى.
7ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن.
8ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ.
9ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى.
10ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.
11ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى.  
12سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر.
13لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.   
14ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ.
15ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن‫‪:‬‬ «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم.  
16ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن».  
17شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بىزلەرگە‫‪:‬‬ ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟
18«ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ.

19ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟
20بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا‫‪‎-‎‬‬زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ.
21ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
22شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.
23شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ.
24ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!
25سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن.
26شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛
27چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار.
28مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن».
29مۇخلىسلىرى‫‪:‬‬ ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ!
30بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى.  
31ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ھازىر ئىشەندىڭلارمۇ؟
32مانا، شۇنداق ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر.   
33سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!