Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا

يۇھاننا 10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.
2ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر.
3ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ.
4ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.
5لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
6ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى.
7شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن.
8مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
9ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ‫‪‎-‎‬‬چىقىپ، ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.
10ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم.
11ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ.   
12لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.   
13ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ.
15ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا.
16بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.  
17ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن.
18جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن.
19بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.

20ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
21يەنە بەزىلەر بولسا‫‪:‬‬ ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى.
22قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.
23ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى.
24يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ‫‪:‬‬ ــ بىزنى قاچانغىچە تىت‫‪‎-‎‬‬تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى.
25ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
26بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر.
27مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.
28مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.
29ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ.
30مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز.  
31بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى.
32ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.
33ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن.
34ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟   
35خۇدا ئۆز سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ)
36نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟   
37ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار.

38بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.
39بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى.
40ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
41نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار‫‪:‬‬ ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى.
42شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.