Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 3

لۇقا 3:3-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى.  
4خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك‫‪:‬‬ «باياۋاندا توۋلىغۇچى بىر كىشىنىڭ‫‪:‬‬ رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
5بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، بارلىق تاغ‫‪‎-‎‬‬دۆڭلەر پەسلىتىلىدۇ؛ ئەگرى‫‪‎-‎‬‬توقاي جايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل‫‪‎-‎‬‬دوڭغۇل يەرلەر تەكشى يوللار قىلىنىدۇ.
6شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ».  
7يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ‫‪‎-‎‬‬توپ خالايىققا‫‪:‬‬ ــ ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!  
8ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا‫‪:‬‬ «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.  
9پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى.  
10ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
11ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى.
12بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.
13ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى.
14ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى.
15ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى.
16يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
17ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا‫‪‎-‎‬‬ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا‫‪‎-‎‬‬ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.
18ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى.
19كېيىن، ھاكىم ھېرود ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن،   

Read لۇقا 3لۇقا 3
Compare لۇقا 3:3-19لۇقا 3:3-19