37خەق ئۇنىڭغا: ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ــ دەپ خەۋەر بەردى.
38ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.
39ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.
40ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن:
41ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى ئۇ.
42ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېدى.
43ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدى.