Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 141

زەبۇر 141:1-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن.
2دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.  
3ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛
4كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن!
5ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.
6ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.

Read زەبۇر 141زەبۇر 141
Compare زەبۇر 141:1-6زەبۇر 141:1-6