Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 15

لۇقا 15:1-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى.
2لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى.
3شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى‫‪:‬‬
4ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟
5ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛
6ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم‫‪‎-‎‬‬قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ.
7مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
8ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟
9ئۇنى تاپقاندا يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەر، قولۇم‫‪‎-‎‬‬قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ.
10مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.
11ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.
12كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا‫‪:‬‬ «ئەي ئاتا، مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ.
13ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار‫‪‎-‎‬‬يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش‫‪‎-‎‬‬ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياسىنى بۇزۇپ‫‪‎-‎‬‬چېچىپتۇ.
14دەل ئۇ بار‫‪‎-‎‬‬يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ.
16ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ.
17ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ‫‪:‬‬ «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك‫‪‎-‎‬‬ئىچمەك ئېشىپ‫‪‎-‎‬‬تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم!
18ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم.
19ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ.
20شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ.   
21ئوغلى‫‪:‬‬ «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ.
22بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا‫‪:‬‬ «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛
23ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى!

Read لۇقا 15لۇقا 15
Compare لۇقا 15:1-23لۇقا 15:1-23