7دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن!
8جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛
9يەر يۈزىنىڭ غېمىنى يەپ يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى سۇغىرىسەن، ئۇنى تولىمۇ مۇنبەتلەشتۈرىسەن. خۇدانىڭ دەريا-ئېرىقلىرى سۇغا تولغاندۇر؛ شۇنداق قىلىپ سۇلارنى تەييارلاپ، كىشىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيسەن.
10تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ چۆنەكلىرىنى سۇغا قاندۇرىسەن، قىرلىرىنى تاراشلايسەن، تۇپراقنى مول يېغىنلار بىلەن يۇمشىتىسەن؛ ئۇنىڭدا ئۈنگەنلەرنى بەرىكەتلەيسەن.
11سەن نېمەتلىرىڭنى يىلنىڭ ھوسۇلىغا تاج قىلىپ قوشۇپ بېرىسەن؛ قەدەملىرىڭدىن باياشاتلىق ھەريانغا تامىدۇ؛
12دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛
13كۆكلەملەر قوي پادىلىرى بىلەن كىيىنگەن، جىلغىلار مايسىلارغا قاپلىنىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ناخشىلارنى ياڭرىتىشىدۇ!