4ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛ مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى. ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ.
5ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، «بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە.
6ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ «بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛ ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە بىلىپ بولماس بىر نەرسىدۇر!
7لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛ ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ.
8ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ.
9ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ.
10ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ.