19ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى.
20ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟
21ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا.
22بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر.
23ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار.