Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 43

زەبۇر 43:1-5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.
2چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن.
3ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!
4شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم!
5ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا! چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!  

Read زەبۇر 43زەبۇر 43
Compare زەبۇر 43:1-5زەبۇر 43:1-5