Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 35

زەبۇر 35:1-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن!
2قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛ ماڭا ياردەمگە ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛
3نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛ مېنىڭ جېنىمغا‫‪:‬‬ «مەن سېنىڭ نىجاتلىقىڭدۇرمەن!» ــ دېگەيسەن!
4مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ ماڭا قەست ئەيلىگەنلەر كەينىگە ياندۇرۇلۇپ رەسۋا بولغاي.
5ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي!
6ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي!
7چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا‫‪‎-‎‬‬تۇزاق تەييارلىدى؛ جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى.
8ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي، ئۆزى يوشۇرۇن قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشكەي، ھالاكەتكە يىقىلغاي.
9ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭ نىجاتلىق‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ!
10مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم‫‪:‬‬ ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن».
11ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا.
12ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى!
13لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى!

Read زەبۇر 35زەبۇر 35
Compare زەبۇر 35:1-13زەبۇر 35:1-13