Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 32

زەبۇر 32:3-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3مەن گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، كۈن بويى ئاھۇ‫‪‎-‎‬‬پىغان ئىچىدە، سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛
4چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ!
5ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛ مەن‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» ــ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. سېلاھ!
6شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن! چوڭ توپانلار ئۆرلەپ، تېشىپ كەتكەندە، سۇلار شۇ كىشىگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ.
7سەن مېنىڭ دالدا جايىمدۇرسەن؛ سەن مېنى زۇلۇمدىن ساقلايسەن؛ ئەتراپىمنى نىجاتلىق ناخشىلىرى بىلەن قاپلايسەن! سېلاھ.
8ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.

Read زەبۇر 32زەبۇر 32
Compare زەبۇر 32:3-8زەبۇر 32:3-8