4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛
5ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!
6ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن، قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛
7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛
8ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛