3ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.
4ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
5ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى.
6چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ.
7زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ، سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن، ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
8پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛ ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن!