Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 91

زەبۇر 91:3-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم ۋابا‫‪‎-‎‬‬قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ.
4ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر.
5سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن،
6نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن.
7سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا‫‪‎-‎‬‬قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ.
8سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن.
9پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن،
10بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ.
11ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ.
12ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.
13شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ‫‪‎-‎‬‬چەيلەيسەن.
14«ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن.
15ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن.
16ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن».

Read زەبۇر 91زەبۇر 91
Compare زەبۇر 91:3-16زەبۇر 91:3-16