5سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟
6خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟
7بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن!
8تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن!
9زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛
10ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛
11ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ.
12پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ، زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛