Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 55

زەبۇر 55:1-7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»‫‪:‬‬ ــ ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن،
2ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن داد‫‪‎-‎‬‬پەرياد ئىچىدە كېزىپ، ئاھ‫‪‎-‎‬‬زار چېكىپ يۈرىمەن؛
3سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ.
4ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى.
5قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى.
6مەن‫‪:‬‬ ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم.
7ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ سېلاھ.

Read زەبۇر 55زەبۇر 55
Compare زەبۇر 55:1-7زەبۇر 55:1-7