Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 50

زەبۇر 50:8-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن، ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛
9مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى، قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن.
10چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر، مىڭلىغان تاغدىكى مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛
11تاغلاردىكى پۈتۈن ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنى بىلىمەن، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر.
12قارنىم ئاچسىمۇ ساڭا ئېيتمايمەن؛ چۈنكى ئالەم ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر.
13ئەجەبا، مەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن؟ تېكىنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟
14قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل.
15بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن».
16لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟
17سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟
18ئوغرىنى كۆرسەڭ، سەن ئۇنىڭدىن زوق ئالدىڭ، زىناخورلار بىلەن شېرىك بولدۇڭ؛
19ئاغزىڭدىن يامان گەپ چۈشمەيدۇ؛ تىلىڭ يالغانچىلىقنى توقۇيدۇ.
20ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىسەن، ئاناڭنىڭ ئوغلىغا تۆھمەت قىلىسەن.
21سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛ دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛ لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ، بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن.
22ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! بولمىسا، سىلەرنى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋېتىمەن؛ ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
23بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ.

Read زەبۇر 50زەبۇر 50
Compare زەبۇر 50:8-23زەبۇر 50:8-23