7ماڭا ئۆچ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىتا ئۆزئارا كۇسۇرلىشىدۇ، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قەستىدە بولىدۇ.
8ئۇلار: «ئۇنىڭ بېشىغا جىن-شەيتاندىن بىر كېسەل چاپلاشتى؛ ئەمدى ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى؛ ئۇ قايتىدىن تۇرالمايدۇ» ــ دېيىشىدۇ.
9ھەتتا سىردىشىم دەپ ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇم، مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى.
10بىراق سەن پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغايسەن؛ دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىشقا، مېنى تۇرغۇزغايسەن؛
11دۈشمىنىمنىڭ ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلىپ شادلانمىغىنىدىن، سېنى مەندىن سۆيۈنىدۇ، دەپ بىلىمەن.
12بىراق ماڭا كەلسەك، دۇرۇس بولغانلىقىمدىن، سەن مېنى يۆلەيسەن؛ سەن مېنى مەڭگۈ ئۆز ھۇزۇرۇڭدا قەد كۆتۈرۈتكۈزۈپ تۇرغۇزىسەن.