1داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) |א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.
2|ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ.
3|ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى.
4|ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى.
5|ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ |ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى.
6|ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى.
7|ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
8|ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
9|י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس.
10|כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.
11|ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي.
12|מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟
13|נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
14|ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.
15|ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛
16|פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛