2پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار!
3ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار!
4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛
5چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر.
6شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ.
7پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!