Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 96

زەبۇر 96:1-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! پۈتكۈل يەر يۈزى، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار!
2پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار!
3ئۇنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار!
4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛
5چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان‫‪‎-‎‬‬پەلەكنى ياراتقاندۇر.
6شانۇ‫‪‎-‎‬‬شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ.
7پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل‫‪‎-‎‬‬قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان‫‪‎-‎‬‬شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!
8پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان‫‪‎-‎‬‬شۆھرەتنى بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا‫‪‎-‎‬‬سالام ئېلىپ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار!
9پەرۋەردىگارغا پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ پۈتكۈل يەر‫‪‎-‎‬‬يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار!  
10ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
11ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر‫‪‎-‎‬‬جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن!
1213 دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.

Read زەبۇر 96زەبۇر 96
Compare زەبۇر 96:1-12زەبۇر 96:1-12