3چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر.
4يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر.
5دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛ قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى.
6كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى!
7چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،