2ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش،
3ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر!
4چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن.
5پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر!
6بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس،
7رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!
8لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن.
9چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ!