Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 92

زەبۇر 92:1-5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي‫‪‎-‎‬‬ناخشا‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى!
2ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىڭنى جاكارلاش،
3ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر!
4چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن.
5پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر!

Read زەبۇر 92زەبۇر 92
Compare زەبۇر 92:1-5زەبۇر 92:1-5