12ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.
13شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن.
14«ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن.
15ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن.
16ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن».