1سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن.
2ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن!
3ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن.
4خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛
5چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛
6بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر.
7مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن.
8ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛
9ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن.