3ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
4شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن.
5جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛
6ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
7چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن.
8مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە.
9بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
10ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ، ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ.