8موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»
9كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
10ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟
11بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!