7ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛ ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا، ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي!
8قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك، ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛ ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك، ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن!
9قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ.
10ھەققانىي ئادەم خۇدانىڭ ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ.
11شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ.