5ئېغىر كۈنلەردە، مېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئەتراپىمدا بولسىمۇ، مەن نېمىشقا قورقىدىكەنمەن؟
6ئۇلار بايلىقلىرىغا تايىنىدۇ، مال-مۈلۈكلىرىنىڭ زورلۇقى بىلەن چوڭچىلىق قىلىدۇ؛
9ئىنسان مەڭگۈگە ياشاپ، گۆر-ھاڭنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن، ھېچكىم ئۆز بۇرادەرىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن قايتۇرۇۋالالمايدۇ؛ ۋە ياكى خۇداغا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك باھانى بېرەلمەيدۇ؛ (چۈنكى ئۇنىڭ جېنىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت، ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر)
10ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛ ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار مال-دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ.