Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 49

زەبۇر 49:12-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ نام‫‪‎-‎‬‬ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ، ئۇ ھالاك بولغان ھايۋانلاردەك كېتىدۇ.
13ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولى دەل ئۇلارنىڭ نادانلىقىدۇر؛ لېكىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن دۇنياغا كەلگەنلەر، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. سېلاھ.
14ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!
15بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ. سېلاھ.
16بىرسى بېيىپ كېتىپ، ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ كەتسىمۇ، قورقما؛
17چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە گۆرگە چۈشمەيدۇ.
18گەرچە ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى بەختلىك چاغلىغان بولسىمۇ، (بەرھەق، كىشىلەر روناق تاپقىنىڭدا، ئەلۋەتتە سېنى ھامان ماختايدۇ)
19ئاخىرى بېرىپ، ئۇ يەنىلا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ.
20ئىنسان ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ئابرۇيدا بولۇپ، لېكىن يورۇتۇلمىسا، ھالاك بولىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش بولىدۇ، خالاس.

Read زەبۇر 49زەبۇر 49
Compare زەبۇر 49:12-20زەبۇر 49:12-20