7سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ.
8ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن.
9چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز.
10ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى، كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن.
11تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛