6يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛ مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن.
7ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ جېنىمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ.
8مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ، بەلكى پۇتلىرىمنى كەڭرى جايغا تۇرغۇزدۇڭ.
9ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق.
10ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن، يىللىرىم غەم-غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى.
11مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم، يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ.