13چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم، ۋەھىمە تەرەپ-تەرەپلەردە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، جېنىمنى ئېلىشقا قەست قىلىشىۋاتىدۇ.
14بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم.
15مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن.
16قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن.
17ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛
18يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە!
19ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ، يەنى ئۆزۈڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن، ساقلىغان ئىلتىپات-نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر!
20سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ سەن ئۇلارنى تىل-ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن.
21پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى!