5بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛
6بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر، يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى! سېلاھ!
7ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
8شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر!
9ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
10شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر! سېلاھ!