1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ــ ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، مەن سېنى سۆيىمەن!
2پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر!
3مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛
4ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛
5تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى.
6قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى.