2ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
3روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.
4ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.
5مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.