9ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر.
10نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن.
11زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛
12چۈنكى تۆكۈلگەن قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس.
13ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛