2بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛
3ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛
4ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛
5پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.
6ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ.
7ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!