10ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق.
11ساڭا بولغان ھۆرمەت-ئەيمىنىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟
12شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن!