Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 88

زەبۇر 88:1-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي‫‪‎-‎‬‬ناخشا‫‪:‬‬ ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات‫‪‎-‎‬‬لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»‫‪:‬‬ ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم.
2دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
3چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان،
4ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ كۈچ‫‪‎-‎‬‬مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم.
5ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان.
6سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ.

Read زەبۇر 88زەبۇر 88
Compare زەبۇر 88:1-6زەبۇر 88:1-6