1كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر.
2پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان-جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛
3سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ.