Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 83

زەبۇر 83:8-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار‫‪‎-‎‬‬يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ.
9سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛
10بۇلار ئەن‫‪‎-‎‬‬دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك‫‪‎-‎‬‬ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.
11ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛
12چۈنكى ئۇلار‫‪:‬‬ «خۇدانىڭ چىمەن‫‪‎-‎‬‬يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان.
13ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن.

Read زەبۇر 83زەبۇر 83
Compare زەبۇر 83:8-13زەبۇر 83:8-13